فىلىمدە ئەي ۋېيۋېي خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى شىكايەتلىرىنى بايان قىلغان. ئەي ۋېيۋېي سۆزىدە خىتاي جەمئىيىتىدە ئىدېئولوگىيىنىڭ يەنى ئاڭ ۋە سەزگۈرلۈكنىڭ يوقالغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ پەقەت مۇقىملىقنىلا تەكىتلەش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنىلا قوغداۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھەر كۈن ھەر جايدا دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئارتىس ئەي ۋېيۋېي بۇلتۇر 4-ئايدا جازاغا تارتىلىپ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ جازا مۇددىتى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال-سترېت ژۇرنىلى»نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئەي ۋېيۋېينىڭ نەزەربەندتىن قۇتۇلۇشتىن 15 كۈن ئاۋۋال، دۇنياغا بۇ شىكايىتىنى يوللىشى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.