خىتاي دائىرىلىرى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى كېپىلگە قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇن چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەن.

بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ يىل 3-ئاپرېل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا قولغا ئېلىنغان ئەي ۋېيۋېينىڭ كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دەلىللەندى.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەي ۋېيۋېي تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى خوڭكوڭ ھەم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۈزلۈكسىز نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەي ۋېيۋېينى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئەي ۋېيۋېي مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئەي ۋېيۋېينى ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئەي ۋېيۋېينىڭ ئۆز جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقى ھەم كېسىلى بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن كېپىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەي ۋېيۋېي ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخسلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.