ئۇ مۇخبىرنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە «مەيلى شىزاڭ مەسىلىسى ياكى شىنجاڭ مەسىلىسىدە بولسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى مەغلۇپ بولدى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە «باشقا مىللەتلەرگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇش» دېگەن. ئۇ بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ياردەم، قىلىنغان خىزمەتنىڭ نامى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ قۇرۇق شوئاردىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەي ۋېيۋېي خىتاي ئاخباراتىنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «قېنى، تىبەت جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىدىغۇ؟» دەپ ساتىرىك سوئال قويغان. ئەي ۋېيۋېي سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «ئەگەر خىتاي خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ‹بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قۇتقۇزۇۋالغان› دەپ قارايدىغان ئىش بولسا، جۇڭگودا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىدا ئۈمىد يوق بولغان بولىدۇ» دېگەن.