سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ سودا شىركىتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى تارتىۋېلىندى

خىتايدىكى ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ ب ب س ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ سودا-سانائەت ئىدارىسى ئەي ۋېيۋېينىڭ شىركىتىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

دائىرىلەر ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ 2011-يىلدىكى يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلىقى سەۋەبىدىن تىجارىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەي ۋېيۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە دائىرىلەر ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلغىنىدا شىركەتنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەتكىنى ئۈچۈن، شىركەت 2011-يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشالمىغان. بۇ يىل 9-ئاي مەزگىلىدە شىركەت 2011-يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشالمىغانلىقىنى ئىزاھلاپ سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە يازما دوكلات يوللىغان. ئەمما، دائىرىلەر يەنىلا شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۆكتىچى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تەنقىدلەيدىغان سەنئەت ئەسەرلىرى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇلتۇر 4-ئاي مەزگىلىدە دائىرىلەر ئەي ۋېيۋېينى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەي ۋېيۋېينى داۋاملىق نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ باي جىڭدىن ئايرىلىشىغا يول قويماي كەلگەن ئىدى.