خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرى 780 مىڭغا يەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش مەركىزى 22-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، 2011-يىل ئاخىرىغا قەدەر خىتايدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 780 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا يەنە 2011-يىلى خىتايدا يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 48 مىڭغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنىپ، ئەيدىز ھەم ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ 28 مىڭ كىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى يۈننەن ئۆلكىسى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلار ئەيدىز يۇقۇملىنىشى ئەڭ ئېغىر جايلار دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ھەم ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىش جەريانىدا كەمسىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىدلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.