خېنەندە تۆلەم تەلەپ قىلغان ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىنەندىكى ئەيدىز بىمارلىرىدىن 300 دەك كىشى، 29-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ چاڭشا شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش راسخودىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

نەق مەيداندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نامايىشچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن يۈز نەچچە نەپەر ساقچى توك كالتەكلىرى بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ساقچىلار بىلەن تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلاردىن نەچچە ئونلىغان كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن باش،كۆزى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. نامايىش باشلامچىلىرىدىن 3 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

تۈنۈگۈن 100 نەچچە نامايىشچى ساقچىلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مەيداندىن ئايرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن سەيشەنبە كۈنى يەنە 100 نەچچە كىشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ھەرقايسى ناھىيىلەردىن ئادەم كېلىپ نامايىش قىلىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خېنەندىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى قان بېرىش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلار بولۇپ، بۇ خېنەندىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدىكى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن،4-قېتىم كوللېكتىپ ھالدا خېنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن.