ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىيە نامايىشى يېقىدىن بۇيان ئەرەب ئەللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «ياسىمەن ئىنقىلابى» بىر قانچە ئەرەب ئەللىرىگە يامرىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
نامايىشىنى ئەزەربەيجاندىكى ئەزەربەيجان خەلق فرونتى تەشكىللىگەن.
شەنبە كۈنى 300گە يېقىن نامايىشچى باكۇنىڭ فونتان مەيدانىغا يىغىلغان.
ئۇلار قوللىرىدا «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك» دېگەندەك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە نامايىشچى ئىبراھىم ئالەكپەروۋ: ھۆكۈمەت دائىرىلىرى لىۋىيىدە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە قاراپ باقسا بولىدۇ، دېگەن.
نامايىش كېيىن باستۇرۇلغان.