نادىر ئەلىيېۋ ئەسلى جىنايەت سادىر قىلغان گرۇزىيە پۇقراسى، ئەمما ئەزەربەيجان مىللىتىدىن بولغان فاراد گادىروفنىڭ دوستى بولۇپ، ئۇ جۈمە كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئازەربەيجان قانۇن دائىرىلىرى نادىر ئەلىيېۋنى قاتىل گادىروفنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇشىغا ھەمكارلاشقانلىقى بىلەن رەسمىي ئەيىبلەپ جىنايەت تۇرغۇزغان. بىراق، قاتىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئېتىۋالغان ئىدى.
ئەزەربەيجان نېفىت ئاكادېمىيىسىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان جۇمھۇرىيەتلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ ۋەقە زىل - زىلە پەيدا قىلدى.
بىراق، ئازەربەيجان ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ سىياسىي كۆرۈنىشى يوقلۇقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئەزەربەيجان - گرۇزىيە، ئەزەربەيجان - ئەرمىنىيە مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلانمايدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى. چۈنكى، ئازەربەيجان بىلەن يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئارىسىدا نازۇك، ئېتنىك مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت ئىدى.