ئەزەربەيجاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

يەكشەنبە كۈنى كاۋكازىيىدىكى تۈركىي تىللىق ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. ب ب س ئاگېنتلىقى رۇس شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا 45% سايلىغۇچى بېلەت تاشلاپ بولغان بولۇپ، كەچتىن باشلاپ سايلام نەتىجىسى چىقىشقا باشلىغان.

دەسلەپكى نەتىجە بويىچە ئالغاندا، ھازىر ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرىۋاتقان "يېڭى ئەزەربەيجان پارتىيىسى" نىڭ غەلىبە قازىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېف مەزكۇر پارتىيىدىن كېلىپ چىققان. بۇ قېتىمقى سايلامنى ياۋروپا ھەمكارلىقى ۋە بىخەتەرلىكى تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى كۆزەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۆكتىچىلەر سايلامنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ئەزەربەيجاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىلھام ئەلىيېفنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىل ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە بىر قانچە كىشى پرېزىدېنت بولغان، كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خادىملىرىدىن ھەيدەر ئەلىيېف رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئىلھام ئەلىيېف پرېزىدېنت بولۇپ، ھازىرغىچە ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. ئۆكتىچىلەر ئەلىيېف ئائىلىسىنى مۇستەبىتلىك بىلەن تەنقىد قىلماقتا. نۆۋەتتە، ئەزەربەيجان غەرب دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيە ئارىسىدا تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئەزەربەيجان كاۋكازىيىدىكى، جۈملىدىكى دۇنيادىكى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر.