تەيۋەن فالۇنگوڭچىلىرى تەيۋەنگە ساياھەتكە كېلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ئالىي سوت مەھكىمىسى، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 11 يېرىمدا، ئەنخۇينىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ سەنيۈنگە چاقىرغۇ تاپشۇرغان.

تەيۋەن تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن، تەيۋەنگە بىر ساياھەت ئۆمىكىنى باشلاپ 8 كۈنلۈك ساياھەتكە كېلىدىغان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ سەنيۈننى، تەيۋەنگە قەدەم باسقان ھامان دەرھال سوتقا چاقىرتىپ كېلىپ، سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەيۋن فالۇنگوڭ تەتقىقات جەمئىيىتى ئەنخۇينىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ سەنيۈن ئۈستىدە سوتقا سۇنغان ئەرزىدە، ئۇنىڭ 2001-يىلىنىڭ ئالدى -كەينىدە سىچۈەن، فۇجەن ئۆلكىلىرىدە ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى بولغاندا، 20 دىن ئارتۇق فالۇنگوڭچىغا «غالجىر ف» بەلگىلىك ئوكۇلنى ئۇرغۇزۇپ، ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنى تەيۋەندە جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.