فارۇخ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 11-يىللىقىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتا ئىدى.
پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان 17 ياشلىق فارۇخ بۇ يىل 2-ئايدا پۈتۈن ۋىرگىنىيە شتاتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياسىغان كىچىك ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش بويىچە ئالتۇن مېدال ئالغان ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تاللانغان.
فارۇخنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەشقاۋۇلى كاتېرىنا ۋىليامسنىڭ فارۇخنى مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە تەشەببۇس قىلىپ يازغان خېتىدە ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
ئۇ خېتىدە ئۇنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فارۇخنىڭ دادىسى پەرھات ئەپەندىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، فارۇخ 21-ماي كۈنى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇسابىقىدە "س" گۇرۇپپىسى بويىچە، ئۆزى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ قولىنىڭ خىزمىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ماشىنا قولنىڭ كۆپ تۈرلۈك خىزمىتىنى ئورۇنداپ، باشقىلار ياسىغان ماشىنا قوللارنىڭ ھەرىكىتىدىن بۇرۇن مەشغۇلاتىنى تاماملاپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. فارۇخنىڭ ياسىغان ماشىنا ئادەم قولىنىڭ خىزمىتى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھېسابلانغان.
فارۇخ ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن بۇ يىل 6-ئايدا ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لاڭلېي تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پراكتىكا قىلىش ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان 100 قابىلىيەتلىك بالىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
