مەشھۇر خىتاي رېژىسسور شيې فېي خىتاينىڭ فىلىم نازارەتچىلىكىنى تەنقىد قىلدى

مەشھۇر خىتاي رېژىسسور شيې فېي، بۈگۈن ئۆز تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ فىلىم نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى تەنقىد قىلغان.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن شيې فېي باياناتىدا، خىتايدا فىلىملەرگە قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان نازارەتچىلىك تۈزۈمىنىڭ قانۇنغا تايانماستىن، خالىغانچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى خىتايدىكى كىنو فىلىملىرىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئىجادىيلىقىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن دائىرىلەرنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن. ئۇ نۆۋەتتە خىتايدا چەتئەل فىلىملىرىنىڭ يەرلىك فىلىملەرگە قارىغاندا بازىرى ئىتتىكلىكىنى مىسال ئېلىپ «مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى پەقەت قانۇن ۋە بازار ئارقىلىقلا باشقۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەن.

شيې فېي خىتايدىكى مەشھۇر رېژىسسورلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «قارا قار» قاتارلىق 3 كىنو فىلىمى بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇزۇن مەزگىل بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسىدە رېژىسسور، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى، ج خ مىنىستىرلىقىدا قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ خىزمەت ئىشلىگەن شيې فېي،خىتايدىكى فىلىم نازارەتچىلىكىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى فىلىم رېژىسسورلۇق ساھەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلغان.