ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئاۋۋال مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە بۇنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ «بىز ئامېرىكىنى بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ بېرىڭلار دېمەيمىز، لېكىن بىز بولغۇسى رىقابەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى زور ياردىمىگە موھتاج» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن 1951-يىلى «ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالىغان. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئەگەر جەنۇبىي دېڭىزدا بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىپ «ئامېرىكا كېلىشىمدىكى تىنچ ئوكيان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى دېگەنگە قانداق قارايدۇ بىز ئۇنى بىلمەيمىز، ئەمما بىز بۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.
ئۇ يەنە فىلىپپىننىڭ بۇندىن كېيىن ئۆز كۈچىنى دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىن دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن يېقىندا فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەزكۇر دېڭىز رايونىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققان بولۇپ، فىلىپپىن بۇنى 1995-يىلىدىن بۇيان فىلىپپىن دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر رىقابەت، دەپ ئاتىغان.
