كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۈگۈن ئىككى تەرەپ يەنە سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلۇشىنىڭ كونكرېت قەدەملىرى ئۈستىدە سۆزلەشتى. سۆھبەت نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ نامى باڭسامورو ئاپتونوم رايونى دەپ بېكىتىلدى.
بۇ قېتىمقى كېلىشىمگە ئاساسەن، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ؛ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلىشنىڭ قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىدىغان مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە مورو ئىسلام ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ 11مىڭ جەڭچىسى پەيدىن-پەي قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، مورو ئىسلام ئازادلىق تەشكىلاتى 1977-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ تىنچلىق ئۈستىلىگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ ئەلقائىدە ۋە جامىيەتۇل ئىسلام قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تەكىتلىنىپ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن.
