فىلىپپىن خىتاينى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىدى
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ بىلدۈرۈشنى خىتاينىڭ مانىلادىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرغان.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى سىپراتىل ۋە پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي، فىلىپپىن، ۋېتنام، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ دۆلەتلەر خىتاينى ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىك بىلەن دائىم ئەيىبلىمەكتە. بۇ جەھەتتە فىلىپپىن بىر قەدەر ئاكتىپ ھېسابلىنىدۇ.