فىلىپپىن قوشنا دۆلەتلەرنى خىتاي تەھدىتىگە قارىتا ئاگاھلاندۇردى

فىلىپپىن پرېزىدېنتى بەنىگنو ئاكىنو بۈگۈن دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەرنى خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارىتا ئاگاھلاندۇردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.04.23

ئاكىنو سۆزىدە خىتاي تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا تەلىپىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقانلىقىنى، يەنە خىتاي تەلەپ قىلىۋاتقان تەۋەلىكنىڭ فىلىپپىن قىرغىقىغا قاراپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سۆزىدە خىتاينىڭ مەيلىگە قويۇۋەتسە، تەۋەلىكتىكى پۈتۈن دېڭىزنى كونترول ئاستىغا ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا نىسبەتەن قوشنا دۆلەتلەرنىڭ سەگەك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى فىلىپپىننىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكا بىلەن مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى ۋە يىغىننىڭ ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئارىسىدا تالىشىلىۋاتقان مەزكۇر ئارالنى خىتايلار خۇاڭيەن ئارىلى دەپ ئاتايدۇ، فىلىپپىن تەرەپ بولسا پاناتاگ ئارىلى دەپ ئاتايدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ئارالنىڭ فىلىپپىن قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان مۇساپە ئارىلىقى 230 كىلومېتىر، خىتاي قۇرۇقلۇقى بىلەن بولسا 1200 كىلومېتىر. فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىخەتەرلىك كېلىشىمى بويىچە، فىلىپپىن تەرەپ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.