خىتاي، فىلىپپىن پايتەختى مانىلاغا قاتنايدىغان خىتاي ھاۋا يولى مۇلازىمىتىنى بىر مەزگىل توختاتماقچى

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 26-مايدىن 30-ئىيۇنغىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدە، خىتايدىن فىلىپپىن پايتەختى مانىلاغا قاتنايدىغان خىتاي ھاۋا يولى مۇلازىمىتىنىڭ توختايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.05.15

يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا سكاربورو يەنى خىتايلار خۇاڭيەن ئارىلى دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئارال ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىش بارغانچە كۈچىيىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن خىتاي ھەم فىلىپپىن تەرەپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، سكاربورو ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە بېلىق تۇتۇش ھەم باشقا پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق توختايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.