فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روسارىئو ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ ئاسىيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ خىل «خەتەرلىك» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ۋە فىلىپپىن ھەر ئىككىلىسى خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇق كۈرىشى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ھەم جەنۇبىي دېڭىزدا، ھەم شەرقىي دېڭىزدا پەيدا قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيە، فىلىپپىن ئىككى تەرەپنىڭ بۇندىن كېيىن خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز چېگرا مۇداپىئە دائىرىلىرىنى 10 چارلىغۇچى پاراخوت ۋە يېڭى ئالاقىلىشىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىيۇ كىشىدا سۆزىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇق زىددىيىتى كۈنسايىن كەسكىنلەشمەكتە. ھازىر خىتايدىن تەھدىت ھېس قىلغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.