فىلىپپىندىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە 9 خوڭكوڭلۇق ئۆلدى

فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى ئەپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل گۆرۈگە ئېلىنىپ، 9 خوڭكوڭلۇق ساياھەتچى ئۆلتۈرۈلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىنايەتچى 55 ياشلىق، پېنسىيىگە چىققان بىر ساقچى ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ قورال ئارقىلىق كۆپىنچىسى خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسىنى توختىتىپ، 20 ئەتراپىدا كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

فىلىپپىن ساقچى دائىرىلىرى ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان. ئەمما جىنايەتچى مېندوزا گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ساقچىلارغا تەھدىت قىلغان. ئۆزىمۇ بۇرۇن ساقچى بولغان مېندوزا ساقچىلارنىڭ تاكتىكىلىرىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن ئۇنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئاسانغا توختىمىغان.

نەتىجىدە 10 سائەت داۋام قىلغان تىركىشىشتىن كېيىن قاتىل ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدە 9 خوڭكوڭلۇق ئۆلگەن، ئىككىسى ئېغىر يارىلانغان.

بۈگۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىندىكى ۋەقەدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى "قارا سىگنال" ئېلان قىلىپ، فىلىپپىنگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى بىخەتەرلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەسلىدە ساقچى ئوفىتسېرى بولغان جىنايەتچى رولاندو مەندوزا ئىلگىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ۋە چىرىكلىك سەۋەبىدىن ئىشتىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقلىنىشىنى ۋە ئىشقا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى سادىر قىلغان.