ئامېرىكا ئىراننى فورمۇز بوغۇزى قاتنىشىغا توسالغۇلۇق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ، فورمۇز بوغۇزى قاتنىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ بەھرەيىندە تۇرۇشلۇق 5‏-پلوتىنىڭ باياناتچىسى رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ «ھەر ۋاقىت يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلەرگە» قارشى تەييار تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىران مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مۇھەممەت رىزا رەخىمى ئالدىنقى كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر غەرب ئىرانغا ئىلگىرىلەپ ئېمبارگو يۈرگۈزسە، ئىراننىڭ فورمۇز بوغۇزى قاتنىشىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا 5‏-دېڭىز پلوتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتى رەخىمىنىڭ سۆزىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدۇر. 5‏-پلوتنىڭ باياناتچىسى رېبىكا رېبارىك خانىم يەنە ئەسكەرتىپ، «تاۋار ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ فورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى رايوننىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.

فورمۇز بوغۇزى سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەيىن، ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى قاتارلىق پارس قولتۇقىدىكى ئەللەر نېفىت ئېكسپورت ۋە تاۋار ئىمپورت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. دۇنيادا پاراخوت ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ 40% ئى مەزكۇر بوغازدىن ئۆتىدۇ.