فرانسىيىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن، كامبودژا دائىرىلىرى فرانسىيىلىك بىناكار دېۋىللېرنى قولغا ئالدى دەپ بايان قىلغان، كامبودژا ساقچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ فرانسىيە پۇقراسى بېيجىڭنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن قولغا ئېلىندى دەپ بايان قىلغان ئىدى.
كامبودژا 2009 - يىلى خىتاينىڭ بىر مىليارد ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كامبودژاغا قانۇنلۇق كەلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىدى.