فرانسىيە پارلامېنتى 1962-يىلىدىكى ئالجىرىيىلىكلەرنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تونۇش ئالدىدا

فرانسىيە پارلامېنتى ئالدىنقى كۈنى 1962-يىلى مۇستەقىللىق ئۈچۈن نامايىش قىلغان ئالجىرىيىلىكلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىشىدا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تونۇش يولىدىكى زور بىر قەدەمنى ئاتتى. فرانسىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن، 168 گە قارشى 174 ئاۋاز بىلەن فرانسۇز ھۆكۈمىتىنىڭ ئالجىرىيە ۋەقەسىدىكى جاۋابكارلىقىنى پارلامېنت قارارى ئارقىلىق بېكىتىش تەكلىپ لايىھىسىنى قوبۇل قىلدى.

رويېترسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنتتىكى مەزكۇر لايىھىنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى فرانسىيىنىڭ يىللاردىن بېرى ھەقىقەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى تارىخى بىلەن يۈزلىشىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار بولسا، بۇنى تونۇشنىڭ تارىختىكى ئۆچمەنلىكنى قايتا ئۇلغايتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى تونۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

مەزكۇر قارار، ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيە ئىشغالىدا قالغان ئالجىرىيە، تۇنىس ۋە ماراكەشلىكلەرنى خۇرسەن قىلغان. بۇنىڭ ئالجىرىيە-فرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ باھار شامىلى ئەپ كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەزكۇر قارارنىڭ چىقىشىدا پارلامېنتتىكى سوتسىيالىست قاناتنىڭ رولى چوڭ بولغان. فرانسۇز ھۆكۈمىتىمۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.