فرانسىيىدىكى داڭلىق بىر مېھمانخانىنىڭ خوجايىنى «خىتايلارغا مۇلازىمەت قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان

فرانسىيىنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى زادىگ ۋە ۋولتېير (Zadig & Voltaire) شىركىتىنىڭ خوجايىنى تېررىي گىللېر، خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ بەك جېدەلخور ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مېھمانخانىدا خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ سۆزى دەرھال خىتاي تور بەتلىرىدە قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان. گىللېر يېقىندا ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ساياھەتچىلىرىنى مېھمانخانىسىغا قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: بىز مېھمانلارنى تاللايمىز. مەسىلەن، بىزنىڭ مېھمانخانا خىتاي ساياھەتچىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. پارىژدا كىشىلەرنىڭ تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر خالىيلىق ۋە جىمجىتلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن.

تېررىي گىللېرنىڭ سۆزى خىتاينىڭ Sina.Com قاتارلىق خىتاي تور بەتلىرىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغاپ، نۇرغۇن مۇنازىرىچىلەر گىللېرنىڭ سۆزىنى «ئىرقىي كەمسىتكەنلىك» دەپ تەنقىد قىلغان. بەزى مۇنازىرىچىلەر، «ھەممە خىتاينىڭ قالاق ئەمەسلىكى»، « نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك خىتايلارنىڭ بارلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتايلارنىڭ شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تور مۇنازىرىچىلىرىنىڭ ئۆزىگە ياتاق بېرىلمەسلىكنى «ئىرقىي كەمسىتكەنلىك» دەپ تەنقىدلەپ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىك ئەھۋالىغا قۇلاق يوپۇرۇۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

تېررىي گىللېر پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايلار ھەققىدىكى سۆزىنىڭ مەنىسىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكى، ئەگەر خىتايلارنى رەنجىتكەن بولسا ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ: خەۋەردىكى سۆزلەر مېنىڭ چۈشەنچەم ياكى مېنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، دېگەن.