فۇكاڭ شەھىرى گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلماقتا

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا جاڭ گۇاڭپىڭ ئىسىملىك بىر مۇخبىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇكاڭ شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى گۈيفاڭ، فۇكاڭدىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشچى تاپالمايۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىپ، ئۇ ئۆلكىگە كۈنىگە 20 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سەۋەبىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىش ئىمكانلىرى ئاز بولغاچقا دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

فۇكاڭ شەھىرى گېئولوگىيىلىك ئەۋزەللىكلىرىدىن باشقا ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېقىن بولۇشتەك تىجارىي ئەۋزەللىكى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى سودا-سانائەت ئىشلىرى تېز تەرەققى قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدۇر.

مانا مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئىگە جايلاردا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشى، ھەتتا ئېھتىياج تۇغۇلغان ئەھۋالدىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەمگەك كۈچى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشماسلىقى، شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈش شوئارىنىڭ يەنىلا قەغەز يۈزىدە قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.