يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت بەلگىلىدى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىم پىتتسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلەندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ پىتتىسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىدا ئېلىنغان قارارلاردا، يەر شارى ئىسسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: نېفىت سانائىتىگە قوشۇپ بېرىلىدىغان مەبلەغنى قەرەلسىز تۆۋەنلىتىش؛ ئامېرىكا سەرپىياتنى ئازايتىپ، ئامانەت پۇل مىقدارىنى كۆپەيتىش؛ خىتاي ۋە ياپونىيە ئېكىسپورتىنى ئازايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى كۆپەيتىش نىشانى بەلگىلەندى.

يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىدا ئېلىنغان قارارلاردا يەنە، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا پۇل - مۇئامىلە تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك ئورنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش؛ بانكا باشلىقلىرىنىڭ پايدا قازىنىش مىقدارىغا چەكلىمە بەلگىلەش قاتارلىق كونكرىت سىياسەتلەر بەلگىلەندى.