ھازىر جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، ئەتە گ 20 يىغىنىدا باشقا دۆلەتلەرنى، دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرماقچى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۈگۈن 'خىتاي ھەرقانداق چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىمۇ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالىدۇ' دەپ جاكارلىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا قوللانغان 'پۇلىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش' سىياسىتى، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆزى ئامېرىكا زايومىنى سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنى بازاردا ئوبوروتقا قاتناشتۇرۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى تېزلىتىدىغان سىياسەت.
بۇ جەرياندا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما خىتاي، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالماقچى. ئامېرىكىمۇ، خىتايمۇ ئېكسپورتنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلماقچى، ئەمما خىتاي ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىنى يۇقىرى ئۆرلەتمەكچى. باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قانداق ماسلىشىدۇ؟ مانا بۇ ھازىرقى مۇنازىرىنىڭ ئوت نۇقتىسى.
گ 20 دېگەن تەشكىلات 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى گ 8 دېگەن تەشكىلات ئاساسىدا بېرلىندا قۇرۇلغان. ئۇ 2008 - يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرگەندە جىددىي تەدبىر قوللانغان ۋە پۈتۈن دۇنياغا چاقىرىق چىقارغان ئىدى.