ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىن جەريانىدا ئايرىم ئۇچرىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشتىن تارتىپ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقىچە بولغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى لاېل برېيناردنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ خەلق پۇلى كۇرسىنى تەڭشەش جەھەتتىكى ۋەدىسىنى تەكرارلىغان ۋە ھازىرغىچە مەلۇم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، خىتاينىڭ پۇل ئىسلاھاتىنى مۇقىم قەدەم بىلەن ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت ئوباما خىتايدىن ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى جۈملىدىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. خۇ جىنتاۋ بولسا خىتاينىڭ يۇمشاق دېتال ئوغرىلىقىدىن ساقلىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
مەتبۇئاتلار، گەرچە ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى بىرلىككە كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بايانلىرىدا تەرەپلەرنىڭ چوڭ مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى يەنىلا بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوباما ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئوباما خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن شۇ كۈنى يەنە، جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى. ئۇ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ لاگىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە 1950 - يىلى پارتلىغان كورىيە ئۇرۇشىغا باھا بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەينى چاغدا بەرگەن قۇربانلىقى جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشى ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ ئاساسىنى قۇردى دېگەن. ئۇ يەنە، شىمالىي كورىيىنى يۆلۈنۈشىنى ئۆزگەرتىپ، يادرو قوراللاردىن ۋاز كېچىشكە، جەنۇبىي كورىيە بىلەن بىرگە تىنچلىق ۋە گۈللىنىشتىن بەھرىمان بولۇشقا چاقىرغان.