ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار گۇئانتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دېۋىد كېنى، ئىۋانس شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى تاماس ئىۋانس قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئون نەپەر ئاتاقلىق كونسېرۋاتىپ ئەرباپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىدىن گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ۋاشنگتون رايونى ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنانىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىلغان.

24 ‏ - نويابىر يەنى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ۋاشنگتون رايونى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار مەسىلسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ.

8‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشنگتون رايونى فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئوربىنا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.

لېكىن 20‏ - ئۆكتەبىر كۈنى ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سوتچى ئۇربىنانىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ

قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدىكى قارارىنى توختىتىپ قويۇپ ھەققىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.