ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشىڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ب د ت نىڭ بىر كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گاۋ جىشىڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمەت كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن گاۋ جىشىڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، مەزكۇر خەۋەر دۈشەنبە كۈنى «دەرھال ئەركىنلىك» ناملىق بىر خەلقئارا قانۇن قوغداش تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنە، بۇ زىيانكەشلىكنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەرنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىپ، گاۋ جىشىڭنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، چۈنكى گاۋ جىشىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ ھوقۇقىنى قوللانغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ئاي جەنۋەدە باشلانغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى 25‏-مارت كۈنى ئاخىرلىشىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر مەسىلىسى جەنۋەدىكى يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، ھەر قايسى ئەللەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى. يىغىندا بەزى خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ب د ت دىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

گاۋ جىشىڭ، خىتايدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش چاقىرىقى ھەم فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاماقتىكى بەزى دىنىي زاتلارنى ئاقلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى.

ئۇ 2009‏-يىلى بىر قېتىم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا كېيىنكى يىلى 3‏-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن ئۇ 2010 -يىلى 4‏-ئايدا يەنە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن بۇيان، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى. گاۋ جىشىڭنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنلۈك سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامادىن يولدىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى سورىغان.