خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا يوشۇرۇن ھالدا كۆچمەن يۆتكەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىدە سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا يوتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەرلەر چىققان؛ ئارقىدىنلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

بۈگۈن ئۇيغۇربىز تور بېتىدە بېرىلگەن بىر خەۋەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەشنى باشلاپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدۇ رايونىدىكى سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەردىن لۇڭ شۇاڭچۇڭ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر قانچە كۈننىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆي، تېرىلغۇ يەر ۋە باشقا تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى گەنسۇ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىغان.

مۇخبىرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ۋۇدۇ رايونىدىن كۆچۈشكە تەييارلانغان كۆچمەنلەر 348 ئائىلە، 1243 كىشى بولۇپ، بۇلار ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تېكەس، كۈنەس ۋە نىلقا ناھىيىلىرىگە ئورۇنلاشماقچى. يەنە خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ۋۇدۇ رايونىدىن ئۆتكەن ئايدا يەنى 10 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا 320 ئائىلە، 690 كىشى ئوخشاش ئىمكانلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەلگەن. ئەمما، بۇ بىر تۈركۈم كۆچمەنلەرنىڭ قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى خەۋەردە بىلدۈرۈلمىگەن.

ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەتبۇئاتلاردا گەنسۇدىن كۆچمەن يۆتكەلگەنلىكىگە ئائىت ھېچقانداق خەۋەرلەرنىڭ بېرىلمەسلىكى ۋە ئۆتكەندە مەركىزى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، گەنسۇدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن يۆتكەش پلانىنى ئىنكار قىلىشى، بۇ قېتىمقى كۆچمەن يۆتكەشنىڭ رايوننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.