گېرمانىيە باش مىنىستىرى خىتايدىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى رەسمىي باشلاندى. مېركېل بۈگۈن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاساسەن گېرمانىيە-خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.02.02

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مېركېل سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئىراننى يادرو پائالىيەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا كۆندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەمما خىتاي تەرەپ ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى قويۇشقا قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مېركېل مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «مەسىلە قانداق قىلىپ ئىرانغا دۇنياغا يەنە بىر يادرو دۆلىتى لازىم ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. خىتاي بۇ يەردە ئىران بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ رەسمىي كۈن تەرتىپى بويىچە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىقتىسادى مەسىلىلەر بولىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇچرىشىشلاردا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ئوخشاش سەزگۈر مەسىلىلەرنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئېنىق يىپ ئۇچى بەرمىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مېركېل يەنە شەنبە كۈنى گۇاڭجۇغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى كاتولىك چېركاۋىنى زىيارەت قىلىپ، كاتولىك مۇرتلار بىلەن بىر ئارىغا كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.