گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار 28-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيىدىكى تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېرلىن شەھىرىدە ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى نامايىش قىلدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ دۈشەنبە كۈنى 3 كۈنلۈك ئەنگلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سەيشەنبە كۈنى گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشتا گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم تىبەت تەشكىلاتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەت خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز ئاخباراتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ھەم يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا قىستاشنى تەلەپ قىلغان.