گېرمان ئىنژېنېرنىڭ خىتاي خوتۇنى ئۇنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىغا سەۋەب بولدى

گېرمانىينىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى ئوتفورك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر گېرمان ئىنژېنېر خىتاي خوتۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن، شىركەت خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئىشتىن چىقىرىۋەتكەن.

ئىشتىن قوغلانغان برائىن ئىسىملىك ئېنژىنېر شىركەتنى «ئەمگەكچىلەر قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىش بىلەن سوتقا ئەرز قىلغان. ئەمما سوت ئوتفورك شىركىتىدەك گېرمانىيە ئارمىيىسىنى مۇھىم ھەربىي لازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر شىركەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىنى يوللۇق دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىۋەتكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، برائىن سوتنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولماي، يۇقىرى دەرىجىلىك سوتقا ئەرز قىلغان. يۇقىرى دەرىجىلىك سوت شىركەتنىڭ قىلمىشىنى پۇقرالارنىڭ ئەركىن نىكاھلىشىش ھوقۇقىغا خىلاپ، دەپ قاراپ ئىلگىرىكى سوت قارارىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن.

سوتنىڭ بېكىتىشى بىلەن برائىن شىركەتتىن 7 ئايلىق تۆلەم پۇلى ئۇتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئىشىغا قايتىپ بارالمىغان. مەزكۇر داۋا گېرمانىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان خەلقئارانىڭ بىردەك قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئىلگىرى ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي لازىمەتلەر ۋە ئىقتىسادىي ساھەگە ئائىت جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ قېتىم بايقىلىپ، ئالاقىدار كىشىلەر جازاغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.