گېرمانىيىلىك سىياسەتچىلەر مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قايرىپ قويماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كلاۋدىيە رۇس، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.08.29

رۇس گېرمانىيە «رېيىن پوچتا گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: بىز مېركىلنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي سەپىرىدە نوقۇل ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ قالماي، خىتاي تەرەپ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ سۈرىيىدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

كلاۋدىيە رۇس بىلەن بىرگە يەنە، گېرمانىيە فېدىرال پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام كوئېنىگسمۇ مېركېلغا چاقىرىق قىلىپ، خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان مەزكۇر رەھبىرى، گېرمانىيە رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ، مېركىلنىڭ نوقۇل ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى، لېكىن سۆز ئەركىنلىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتايدا قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تام كوئېنىگس، مېركىلنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چەك-چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش كېرەكلىكى ۋە ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. مېركىلنىڭ خىتاي زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتايدا خىزمەت قىلىدىغان بىر قىسىم گېرمانىيىلىك مۇخبىرلار مېركىلغا خەت يېزىپ، خەۋەر بېرىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.