ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون ھۇنتسمان بايانات ئېلان قىلىپ، مۇخبىرلارغا قىلىنغان زوراۋانلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىلدىكى پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىتلەر ئەقىلگە سىغمايدۇ ۋە ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ پەقەت ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قوغدىيالماسلىقى مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدا تۇرۇشلۇق ياۋروپا بىرلىكى ئەللىرىنىڭ دىپلوماتلىرىمۇ خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قاراتقان زوراۋانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە خىتاينى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن خەۋەر بېرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىردى.
يەكشەنبە كۈندىكى نامايىشلارغا قانچىلىك ئادەمنىڭ چىققانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.