ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
شەنبە كۈنى مەركىزىي پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلىپ قىلىپ مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدىن " قاتتىق ھەيران قالغان" لىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز 2009 - يىلىدىكى" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. غەيرەت نىياز ئەينى ۋاقىتتا غەرب مەتبۇئاتلىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان سىياسەتلىرى ۋە مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا " مەزكۇر ۋەقەلەر ھەققىدە پىكرى بايان قىلىشتىن ئۆزگە جىنايىتى يوق ئادەمگە بۇ قەدەر ئېغىر جازا بېرىش، باشقا ژۇرنالىست ۋە تور يازغۇچىلىرىنى تۈرمىگە تاشلاش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلىش ئىمكانلىرىنى قويمىدى" دەپ يازغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، غەيرەت نىيازغا بېرىلگەن جازانى " قەبىھ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەيرەت نىياز ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەركىزى نيۇ - يورك تىكى خىتايدىكى كىشىلىك ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، "خىتايدا ئىككى مىللەت ئارىسىدا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ ئېغىر جازاغا" تارتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.