ئۇيغۇر بىز ۋە بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرى ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىدى

ئۇيغۇربىز تور بېتى بۈگۈن بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان. بىرلەشمە باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ژۇرنالىست غەيرەت نىياز شاۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر جامائەت پىكرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىپ تەكلىپ سۇنغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، غەيرەت نىياز ۋەقەدىن كېيىن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىق ۋە تەرەققىياتتىن خىتايلار بىلەن تەڭ بەھرىمان بولالمىغانلىقى دەپ كۆرسەتكەن. باياناتتا، غەيرەت نىيازنىڭ ھەقنى سۆزلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا ئەگەر غەيرەت نىيازغا بېرىلگەن 15 يىللىق قاماق جازاسى ئىجرا قىلىنسا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى كەيپىياتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقى، بىر قىسىم رادىكال قارشىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇربىز تور بېكىتى، بوشۆن، سەنيۈ ۋە كىشىىك ھوقۇق قاتارلىق خىتاي تور بەتلىرى بىرلىكتە باشلىغان. ھازىرغا قەدەر بۇ چاقىرىققا، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ ۋە چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ۋاڭ لېشىيۇڭ، سۈي ۋېيپىڭ قاتارلىق 20گە يېقىن خىتاي يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچىلىرى ئىمزا قويغان. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئىمزاسىمۇ ئىمزا تىزىملىكىنىڭ باش قىسمىدىن ئورۇن ئالغان.