خەت خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. غەيرەت نىياز " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە غەرب مەتبۇ’ئاتلىرىغا پىكىر بايان قىلغان ئىدى. خەتكە خىتايدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ۋە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق قانۇن تەتقىقاتچىسى فەن يافېڭ قاتارلىقلار ئىمزا قويغان. خەت جۈمە كۈنى "ئۇيغۇربىز" تورىدىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى. تېڭ بياۋ ۋە فەن يافېڭلار بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.