خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنى قولغا ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى "ئۇيغۇربىز" تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىيازنى "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ - خەتەر يەتكۈزگەنلىك" سەۋەبىدىن قولغا ئالغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى غەيرەت نىيازنى 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىپ 3 كۈندىن كېيىن ‏ئۇنىڭ يۇقىرىقى سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلارنىڭ چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، غەيرەت نىيازنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىكىلەر غەيرەتنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇنىڭ "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى تەنقىدلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غەيرەت نىياز "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن بولغان ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى تور بېتىدىكى مۇنازىرىلەردىن خەۋەردار قىلغان شۇنداقلا نۇر بەكرىدىن 5 - چېسلادىكى نامايىشنىڭ مىللىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن نۇر بەكرى غەيرەت نىيازنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالمىغان ئىدى. غەيرەت نىياز ئىلگىرى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "بەزىدە سىز، جۇڭگودا ھەتتا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىسىڭىزمۇ، ئەگەر كىچىككىنە ئاشۇرۇۋەتسىڭىز بالاغا قالىسىز" دېگەن.