بىراق، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدىكى مەزكۇر يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارى قاتناشتۇرۇلۇپ، سۆز قىلمىغان.
شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يەرمەنكىگە خىتاينىڭ 300 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە كارخانىسى، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 28 كارخانا ھەم شىركىتى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇب تەرەپتە قەشقەرنى "شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ"، ئۇنى ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن سودا - ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان بولسا، شىمالدا غۇلجا شەھىرىنى قازاقىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارىدىغان نۇقتىلىق مەركەز قىلىش ئىستراتېگىيسىنى ئورۇنلىماقتا.
بۇ قېتىمقى غۇلجا يەرمەنكىسى ئەنە شۇ پىلان يولىدا تاشلانغان قەدەملەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
