غۇلجىدا 'تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش' خىزمىتى كۈچەيتىلىدىكەن

خىتاي دائىرىلىرى غۇلجىدا تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بارىدىكەن. غۇلجا ئامانلىق تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىن ھەرقايسى يېزا - كەنتلەرگىچە "تۆتنى ئېنىقلاش، تۆتنى ئىگىلەش" خىزمىتى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.28

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ياز ئايلىرىدىن باشلاپ بۇ خىل ھەرىكەتنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق يەنىلا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى مەلۇم بولغان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق تاجاۋۇز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، تۆتنى ئىگىلەش، تۆتنى ئېنىقلاش ھەرىكىتى بويىچە ھەرقايسى يېزا - كەنت كادىرلىرىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، خەۋەردە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆز ئەھۋالىنى خۇلاسىلىشى، ھەركۈنى ئەتىگەندە يىغىن ئېچىشى، ھەپتىدە بىر قېتىم خۇلاسە يىغىن ئېچىشتا چىڭ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

رادىئومىز ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەنت - يېزىلاردا كادىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن سان بويىچە، ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.