غۇلجىدا تاغ سېرىلىش يۈز بەردى

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 9 - مارت كۈنى غۇلجىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغلىق رايونلاردا تاغ سېرىلىش يۈز بەرگەن.

2010.03.10

غۇلجا دائىرىلىرى تاغ سېرىلىش يۈز بەرگەن جايلاردا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ھەممىسى سەپەرۋەر قىلغان. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر سائەتتىن كېيىن، تاغ سېرىلىشتە كۆمۈلۈپ قالغان بىر ئۆيدىن 3 جەسەتنى ئېچىپ چىقارغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇلتۇر قىش بۇ رايوندا ناھايىتى كۆپ قار ياغقان. بۇيىل ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، قار ئېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن، بۇنداق تاغ سېرىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ھازىر ئىلى ئوبلاستى تاغ سېرىلىش ھادىسىلىرىگە ۋە تېز قۇتقۇزۇشنى يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.