خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان شەھەر باشلىقى كىرىستىئان ئۇدﯤ، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى گېرمانىيە تەرەپنىڭ مايىللىقىنى سوراپ قالسا جاۋاب تەييارلاش ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە خەۋەر يوللىغان.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بىر قەدەر چوڭ ئۇيغۇر جامائىتى ياشايدىغان بولۇپ، خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر شەھەردە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، مىيۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرگە ناھايىتى ئوبدان ماسلىشىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا گۇئەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى يەرلەشتۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ گۇئەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى كىرستوفېر سترائەسسېر : " بۇ كىشىلەرنى ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، بىر ئىنسانىي بۇرۇچتۇر" دېگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلانغان 17 نەپەر ئۇيغۇر بار ئىدى.