ئەنگلىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۇيدو ۋېستېرۋېل ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ياڭنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، خەۋەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەكىتلەنگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.
بىراق، گۇيدو ۋېستېرۋېل يەنە ئۆزىنىڭ سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىغا بولغان چەكلىمىسى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گۇيدو ۋېستېرۋېل گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە كارخانىچىلارنى باشلاپ خىتايدا ئىككى كۈن زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ، ۋېن جيباۋ جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۇيدو ۋېستېرۋېل، ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا، "ئاجىز توپلۇقلار (خەلقلەر) نىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش گېرمانىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى"دەپ تەكىتلىگەن.