دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخىندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىتاي ئىشچىلارنىڭ "26 - ئىيۇن" ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
"ۋەتىنىم" تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچ سائەت 17:00 دە نامايىش ئاخىرلىشىپ ئارىدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئون نەچچە نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىز - ئوغۇللار كونسۇلخانا بىناسىغا خام تۇخۇم ئېتىپ، كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزە، تاملىرىنى رەسۋا قىلىۋەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت نامايىش تارقاپ بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن ساقچىلار قايتىپ بولغان ۋاقىت ئىدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كونسۇلخانىغا تۇخۇم ئاتقان بالىلارنىڭ 6 ياشتىن 9 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5نەپەر قىز بالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شاۋگۈەندىكى ۋەقە مۇناسۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتقان شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرغان ئىدى. شۇ كۈنى گېرمانىيىدىن باشقا، شۋېتسىيىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.