گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 3 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى، بۇ يىل 16 - ئاپرېلدىن 20 - ئاپرېلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تەكشۈرۈش ئۆمىكى گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار، لىبېراللار، يېشىللار ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق زىيارىتى، ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شۇ خىلدىكى تەلىپىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.