باۋارىيە باش مىنىستىرى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق گۇرۇھ دەپ تونۇش تەلىپىنى رەت قىلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.30
2010.04.30
گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، باۋارىيە شتاتىنىڭ باش مىنىستىرى خورىست سېخوفېر خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، سۆھبەت جەريانىدا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق باۋارىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ تونۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، لېكىن خورىست سېخوفېرنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
باۋارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ميۇنخېندىكى بىر يەرلىك گېزىتتە بايانات ئېلان قىلىپ، "گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى دىنىي ئەسەبىلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە تېررورلۇق مەقسىتى بار دەپ قاراش ياكى زوراۋانلىقنى قوللايدۇ دەپ ھېسابلاشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق" دەپ تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە، گېرمانىيىدىكى ئېتنىك گۇرۇھلارنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلارنى زوراۋانلىققا يېتەكلىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. باۋارىيە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكىتى ئەڭ ئاكتىپ رايونلارنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا گېرمانىيە ساقچىلىرى ميۇنخېندىكى بىر تۇرالغۇدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقان 4 نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنى تەكشۈرگەن ئىدى.