گېرمانىيە خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

22 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە تەرەققىيات مىنىستىرى ھەيدېمارى زېئۇل خانىم، خىتايغا قارىتىلغان مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد ياردەم بېرىش ئەندىزىسىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە بولىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمىغان.

ئىلگىرى گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە موھتاج ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە خىتايغا 97.7 مىليون دوللار تەرەققىيات ياردىمى بەرگەن بولۇپ، ئەمما بۇ يىل بېرىدىغان ياردەم توغرىسىدا ھازىرغىچە ۋەدە قىلمىغان.