بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، GoDaddy شىركىتىنىڭ بۇ قارارى خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، تور بېتى تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلارنىڭ رەسمىيەت بېجىرگەندە شەخسى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىغان"زوراۋان" تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە تور بېتى تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان شەخسلەرنىڭ دائىرىلەرنى تەپسىلىي شەخسى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ بەلگىمىدە يەنە تور بېتى تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغانلار دائىرىلەرگە رەسىمىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. GoDaddy شىركىتىنىڭ قارىشىچە، بۇ بەلگىلىمە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش غەرىزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەدبىردۇر. بۇ، تور بېتىنى GoDaddy شىركىتىگە تىزىمغا ئالدۇرغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت ئالدىنقى كۈنى GoDaddy شىركىتىنىڭ قارارى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانى زىل - زىلىگە سالغان توپنى Google شىركىتى ئاتقان ئىدى. مانا ئەمدى ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر شىركىتى خىتاي خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى" دەپ تەكىتلىگەن.
