گوگۇل شىركىتى غەرب ئەللىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولغان گوگۇل خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى چەكلىمىسىنىڭ ئەركىن تىجارەتكە ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوگۇل شىركىتىنىڭ باش ئادۋوكاتى داۋىد جۇمموند مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتقا قويۇۋاتقان چەكلىمە -- كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۈز قىلىش بىلەن بىرگە، ئەركىن تىجارەتكىمۇ خىلاپ بىر ھەرىكەت" دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گوگۇل شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى داۋىد جۇمموند بۇ مەسىلىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەندىلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ يېقىندا ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن.